- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ھىگىنىس: لىۋاننىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايمىز
2015.04.29 16:08 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
لىۋاندا زىيارەتتە بولىۋاتقان ئېرلاندىيە زۇڭتۇڭى ھىگىنىس تۆنۈگۈن بېيرۇتتا ئېرلاندىيەنىڭ لىۋاننىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لىۋان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىگىنىس شۇ كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق قىسىمى ئېرلاندىيە گازارمىسىنى تەكشۈرگەندە مۇنداق دېگەن: ئېرلاندىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ لىۋان بىلەن ئىسرالىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشى ھەققىدىكى 1701-نومۇرلىق قارارىنى قوللايدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ئېرلاندىيە تۇنجى تۈركۈمدىكى لىۋان قىسمىغا قاتناشقان دۆلەت، ھازىرغا قەدەر 47 نەپەر ئېرلاندىيە ئەسكىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىنىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر