باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ داۋالاش ئەترىتى نېپالدا داۋالاش قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى

2015.04.29 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نېپالدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن جايدا قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىۋاتقان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ داۋالاش ئەترىتى تۈنۈگۈن مۇخبىرغا: 27-ئاپرېل پايتەخت كاتماندوغا يېتىپ كەلگەندىن بۇيان، داۋالاش ئەترىتىمىز ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى داۋالاپ قۇتقۇزدى، ھازىرغا قەدەر يۈزدىن ئارتۇق يارىدارنى داۋالىدى،دېدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ داۋالاش ئەترىتى جۇڭگونىڭ نېپالدا ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ئەۋەتكەن تۇنجى داۋالاش قۇتقۇزۇش ئەترىتىكەن، بۇ ئەترەت سىچۇەن ئۆلكىلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، سىچۇەن ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى، سىچۇەن ئۇنىۋېرستېتى خۇاشى دوختۇرخانىسى، سىچۇەن ئۆلكىلىك يۇقۇملۇق كېسەلنى كونتىرول قىلىش مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، نېپالدىكى ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندا تەخمىنەن 10 كۈن خىزمەت قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر