خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ئاپرېل كەچ، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ توردىكى خەۋىرىدە دېيىلشىچە، جۇڭگو نېفىت- خىمىيە سانائىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ تيەنپۇ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقىدىن ھازىر تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ. ۋاڭ تيەنپۇ 2005 - يىلى جۇڭگو نېفىت- خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ لىدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن، تۈنۈگۈن كەچ ماقالە ئېلان قىلىنغانغا قەدەر، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى تەرەپ تېخى ئىنكاس قايتۇرمىدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى