باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگونىڭ 2015-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە بولغان يېزا ئىگىلىكىگە نەزەر» دوكلاتى ئېلان قىلىندى

2015.04.22 09:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقى بازار ئالدىن سىگنال بېرىش مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى تۈنۈگۈن « جۇڭگونىڭ 2015-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە بولغان يېزا ئىگىلىكىگە نەزەر» دوكلاتىنى سىرتقا ئېلان قىلدى، بۇنىڭدا كەلگۈسى ئون يىلدىكى جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمال، باھا، سودا ئەھۋالىغا نەزەر سېلىندى. نەزەر دوكلاتىدا مۇنداق دەپ قارالدى: كەلگۈسى ئون يىلدا جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكى ئىقتىسادى تەرەققىيات يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە ماسلىشىدۇ، تەرەققىيات شەكلىدە تېز بۇرۇلۇش ياسايدۇ، بىرلىك مەھسۇلات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق ئامىلغا ئايلىنىدۇ، يېزا ئىگىلىكى كەسىپ زەنجىرى يەنىمۇ ئۇزىرايدۇ؛ ئاشلىق، پاختا، مايلىقدان، شېكەر، گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق ئاساسلىق يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش داۋاملىق مۇقىم تەرەققىي قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج داۋاملىق تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلايدۇ، ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى ئاساسەن تەمىنلەش، ئوزۇق -تۈلۈك ئاشلىقى مۇتلەق بىخەتەر بولۇش ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ئەمەلگە ئاشىدۇ؛ يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرى ئىستېمالى داۋاملىق بىر قەدەر تېز ئېشىشنى ساقلايدۇ، يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى تەننەرخنىڭ تۈرتكىسىدە ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈش ھالىتىدە تۇرىدۇ، يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى مۇقىم ئاشىدۇ، دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۆز-ئارا بىرىكىشى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو يېزا ئىگىلىكىگە نەزەر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش- جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى يېڭىلىق يارىتىش. نەزەر دوكلاتىدا كەلگۈسى ئون يىلدىكى يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىندى، بۇ بازار مېخانىزمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ شەكىلدە بۇرۇلۇش ياسىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە ئىجابىي رول ئوينايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر