باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر دېھقانلارغا ياڭاق چاتاش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى

2015.04.20 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋەر قىلىدۇ: ياڭاق كۆچىتىنى چاتاش مەزگىلى 3-ئاينىڭ بېشىدىن 4-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بولىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن گۈلئاۋات يېزا مەھەللەئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆزىنىڭ باغ ئورمانچىلىق تېخنىكىسىنى پىششىق بىلىشتەك ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، 100 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىگە ياڭاق چاتاش تېخنىكىسىنى سۆزلەپ بەردى ھەمدە نەق مەيداندا ئۈلگە كۆرسىتىپ كۆچەت چاتاشنى ئۆگەتتى.

  ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ياڭاق كۆلىمى 650 مىڭ مو بولۇپ، گۈلئاۋات يېزىسىنىڭ مەھەللە ئېرىق كەنتى ياڭاقچىلىقنى ئاساسى قىلغان كەنتلەرنىڭ بىرى. بىراق دېھقانلار باشقۇرۇش تېخنىكىسى جەھەتتە يېتىشەلمىگەنلىكتىن مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتى ئانچە يۇقىرى بولماي كەلدى. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا ئونسۇ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى كۇرۇس ئېچىپ ياڭاق پەرۋىش تېخنىكىسىنى سۆزلەپ بېرىپ، دېھقانلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەشنالىقىنى قاندۇردى.

  17-ئاپرېل، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەتىگەندىلا بىر پارچە ياڭاقلىق باغقا كېلىپ دېھقانلارغا ياڭاق چاتاش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، ئۇلار سورىغان تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى ھەمدە نەق مەيداندا ئۈلگە كۆرسىتىپ قۇلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۆگەتتى. ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن گۈلئاۋات يېزا مەھەللە ئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چىن گاڭ: بۈگۈن كەنت كادىرلىرى بىلەن دېھقانلارنى يىغىپ ياڭاق چاتاش تېخنىكىسى جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدۇق. كۆپ يىللاردىن بۇيان چاتالمىغان ياڭاقلىق باغنىڭ سورتىنى ياخشىلىدۇق.

  گۈلئاۋات يېزا مەھەللە ئېرىق كەنتى ئاھالىسى ئابدۇكېرەم يۈسەننىڭ 8 مو ياڭاقلىق بېغى بار بولۇپ، 2013-يىلى 70 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلغان ئىدى. ئۆتكەن يىلى ئاران 50 مىڭ يۈەنلىك ياڭاق ساتتى. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تېخنىكىلىق چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كىرىمنىڭ ئاشماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ باشقۇرۇش ياخشى بولمىغانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى. ھەمدە بۇ يىل ياڭاقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا نىسبەتەن ئىشەنچىسى ئاشتى.

  گۈلئاۋات يېزا مەھەللە ئېرىق كەنتى ئاھالىسى ئابدۇكېرەم يۈسەن: بۈگۈن ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىدىن كەنتكە چۈشكەن تېخنىك خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۆچەتلەرنى چاتىدىم. ئۇلار ناھايىتى ئەستايىدىل ئۆگىتىدىكەن.

  ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى قەھرىمان كېرەم: نۆۋەتتە ناھىيەمىزنىڭ باغ ئورمان كۆلىمى 1 مىليون مودىن ئاشدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ياڭاق كۆلىمى 650 مىڭ موغا يېتىدۇ. ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ئىش ياڭاقنى چاتاپ، ناچار سورتلارنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر