باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئىسلامئابادتا پاكىستاندىكى ھەر قايسى ئاساسلىق پارتىيە گۇرۇھ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2015.04.22 09:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن ئىسلامئابادتا پاكىستاننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى، خەلق پارتىيەسى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى زەردارى قاتارلىق پاكىستاندىكى ھەر قايسى ئاساسلىق پارتىيە گۇرۇھ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پاكىستان-جۇڭگونىڭ ئايرىلماس دوستى. پاكىستانلىق دوستلار ماڭغا پاكىستاندىكى ھەر قايسى پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ جۇڭگو بىلەن پاكىستان دوستلۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى. جۇڭگو پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈندىكىدەك سەۋىيەگە يېتىشى - ھەر قايسى پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭۈل بۆلىشى ۋە قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو كومپارتىيەسى پاكىستاندىكى ھەر قايسى پارتىيە گۇرۇھلار بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، سىلەر بىلەن بىرلىكتە پارتىيە ئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشنى، ھەمكارلىشىشنى تېخىمۇ خالايدۇ. زەردارى قاتارلىقلار مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پاكىستاندا زىيارەتتە بولۇشى-پاكىستان جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. جۇڭگونىڭ پاكىستان جۇڭگو ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت. بۇ پاكىستاننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، رايون مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىمۇ پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر