باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تەسلىمنى قوبۇل قىلىش خاتىرە سارىيى ئېچىۋېتىلدى

2015.04.22 15:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خۇنەن ئۆلكىسى جىجياڭ دوڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى جۇڭگو خەلق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىدە تەسلىمنى قوبۇل قىلىش خاتىرە سارىيى تېخىمۇ ياخشىلاپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. يېڭى مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىچىدە، ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا تەسلىم بولغاندىكى ئەسلى نۇسخىدىكى ۋىدىيو ماتېرىياللىرى تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلدى. جۇڭگو خەلق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىدە تەسلىمنى قوبۇل قىلىش خاتىرە سارىيىنىڭ باشلىقى ۋۇ جيەنخوڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 20 مىنۇتلۇق بۇ ۋىدىيودا، ياپونىيە ۋەكىللىرىنىڭ خۇنەننىڭ جىجياڭدا تەسلىمنامىگە ئىمزا قويۇش جەريانى ئېنىق خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئامېرىكا خادىملىرى ئەينى چاغدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە سىنغا ئالغان، ئۇ-ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا تەسلىم بولغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىسپاتى، ھەققانىيەتنىڭ رەزىللىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ پاكىتى. ياخشىلاپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى تەسلىمنى قوبۇل قىلىش خاتىرە سارىيى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلىپ، جىجياڭدا تەسلىم قوبۇل قىلىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، مول تارىخىي ماتېرىياللار ۋە زامانىۋى ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، جىجياڭدا تەسلىمنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تارىخىي ۋەقەنى يەنە بىر قېتىم جانلىق گەۋدىلەندۈرۈپ، جىجياڭدا تەسلىمنى قوبۇل قىلىشنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئالاھىدە تارىخىي ئورنىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر