باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

2015.04.23 09:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ھەمدە شېنجېن مۇنبىرى تۈنۈگۈن شېنجېن شەھىرىدە ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ما كەي ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، ما كەي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىسىز، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى بوغىدىغان تۈزۈلمە مېخانزمدىكى توساقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىگىلىك يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشتىكى ھاياتى كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش كېرەك، تېخىمۇ ئىجابى، ئېچىۋېتىلگەن، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، چەتئەللەردىن ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ئۆلچىمىنى چۈشۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ قولاي يول ئېچىپ بېرىش كېرەك. قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار ساھەسىدە قانۇن تۇرغۇزۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇنىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى مەنپەئەتىنى ھەقىقى قوغداپ، جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئادىل، ھەققانىي، ئاشكارە، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر