باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى چەتئەل ئىختىساسلىقلىرىنى جەلپ قىلىش قەدىمىنى تېزلەتتى

2015.04.23 09:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىختىساسلىقلار ئالماشتۇرۇش يىغىنى تۈنۈگۈن شېنجېندا ئېچىلدى. بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ باھار شامىلىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى يىغىندا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قىياپەت نامايان قىلىندى، چەتئەللەرنىڭ جەمئىي 3500 دىن ئارتۇق ۋەكىلى يىغىنغا قاتنىشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى كۆلەمگە يەتتى. مۇخبىرنىڭ ۋەكىللەر لىق تولغان يىغىن مەيدانىدىن ئۇقۇشىچە، ئالىي ئوقۇش تارىخىغا ئىگە نۇرغۇن چەتئەل ئىختىساسلىقلىرىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسى كامىل ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر چەتئەل يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز كىرىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈتۈۋالىدۇ دەپ قارىدى. يىغىنغا قاتناشقان نۇرغۇن ئەربابلار مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان پەيتتە، جۇڭگو بىلەن چەتئەللەرنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلىرىدىكى ئالماشتۇرۇشى زور دەرىجىدە كۆپىيىدۇ؛ ئالاقە، ئالماشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگونى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىش-تېخىمۇ كۆپ چەتئەل ئىختىساسلىقلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئويلىشىشقا تېگىشلىك تاللاشنىڭ بىرى قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. نۆۋەتتە جۇڭگو كارخانىلىرى بىر بەلباغ، بىر يول ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان پەيتتە، ھەم مالىيە بىلىملىرىنى ئۇقىدىغان ھەم ئىلمىي تەدبىر بەلگىيەلەيدىغان زور بىر تۈركۈم خەلقئارالاشقان باشلامچى ئىختىساسلىقلارغا موھتاج. دۆلەتلىك چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى ئىدارىسى تەربىيەلەش مەركىزى بىلەن جۇڭگو باش بوغالتىرلار جەمئىيىتى 18-ئاپرېل بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك بوغالتىرلىقنى باشقۇرۇش مۇنبىرىدە، دۆلەت مۈلۈكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتى ئۇنىۋېرسال ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يۈەن مۇنداق دېدى: مەركەز كارخانىلىرى بوغالتىرلىقنى باشقۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ قىممەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. شېنجېن يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات تەتقىقاتخانىسىنىڭ كېڭەش باشلىقى جاڭ سىپىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو تۆۋەن سەۋىيەلىك ياسىمىچىلىقتىن ئالىي ياسىمىچىلىققىچە، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىدىن ئەقلىي ياسىمىچىلىقىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش جەريانىدا، چەتئەللەرنىڭ ئالىي ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئۆزلۈكسىز كىرىشى-جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى مەنبەگە ئايلاندى. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يىرىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنىڭ پايدىسى چېكىگە يېتىپ بولدى، ئەمما چەتئەللەرنىڭ ئالىي ئىختىساسلىقلىرىنىڭ كىرىشى-يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلغان ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. شېنجېننى مىسالغا ئالساق، چەتئەللەرنىڭ ئالىي ئىختىساسلىقلىرى باشلامچى بولغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسپى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، بارغانسېرى شېنجېن ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى قانغا ئايلانماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر