- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سىنوۋدىن جۇڭگونىڭ يېڭى زېلاندىيەدىكى كونسۇلخانىسىنى ئامېرىكىنىڭ نازارەت قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى
2015.04.20 16:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى زېلاندىيە تاراتقۇلىرى 19-ئاپرېل ئامېرىكا «پرىزماك» ئوغرىلىقچە ئاڭلاش تۈرىنى ئاشكارىلىغۇچى ئېدۋارد سىنوۋدىندىن كەلگەن مۇتلەق مەخپىي ھۆججەتنى ئاشكارىلىدى، ھۆججەتتە يېڭى زېلاندىيە ئاخبارات ئاپپاراتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە ماسلىشىپ جۇڭگونىڭ يېڭى زېلاندىيەدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ئوكلانددىكى دىپلوماتىيە ئورگىنىنىڭ سانلىق مەلۇمات تۇتاشتۇرغۇچى لىنىيەسىنى نازارەت قىلغانلىقى دېيىلگەن.
يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئىنگلىز تىلى گېزىتى «پېشىۋالار گېزىتى»نىڭ شەنبىلىك سانىدا، سىنوۋدىن ئاشكارىلىغان ئەڭ يېڭى مۇتلەق مەخپىي ھۆججەتنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن، يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتى خەۋەرلىشىش بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ 2013-يىلى ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ بىر تور قەستكارلار گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىشىپ، بىر قېتىملىق ھەرىكەتتە جۇڭگونىڭ ئوكلانددىكى باش كونسۇلخانىسى ۋە كونسۇل بۆلۈمى ئىشخانىلىرى ئارىسىدىكى سانلىق مەلۇمات تۇتاشتۇرۇش لىنىيەسىنى نىشان قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىغا كىرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر