باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسىنىڭ «2015- يىللىق غەيرى ماددىي مەدەنىيەت ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەش» كۇرسىدا دەرس باشلاندى

2015.04.22 14:11   مەنبە: خەلق تورى

كۇچا ناھىيەسىنىڭ «2015- يىللىق غەيرى ماددىي مەدەنىيەت ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەش» كۇرسىدا دەرس باشلاندى

  (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەنئەنۋى ئەل ئىچى مەدەنىيەت – سەنئەت ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىش ، ئورۇنلاش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،نۆۋەتتىكى زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا يېقىندىن ماسلىشالايدىغان ۋارىسلارنى كۆپلەپ تەربىيەلەپ چىقىپ، كۇچا ناھىيەسىنىڭ دۆلەت ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى ، ناھىيەلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ، رادىئو – تېلۋېزىيە ئىدارىسىنىڭ تەشكىللىشى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن 21- ئاپرېل كۈسەن مەدەنىيەت -سەنئەت مەركىزىدە « 2015- يىللىق غەيرى ماددىي مەدەنىيەت ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەش» كۇرسىدا رەسمىي دەرس باشلاندى .

  ئىگىلىنشىچە ، بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ۋاقتى بەش كۈن بولۇپ، ھەرقايسى يېزا ، بازار ، كوچا باشقارمىلىرىدىن كەلگەن بەلگىلىك سەنئەت ئىقتىدارىغا ئىگە 16 ياشتىن يۇقىرى 45 ياشتىن تۆۋەن 150 نەپەردىن ئارتۇق خادىملار نەزەرىيە ۋە ئەمىلى ماھارەت بويىچە ھەقسىز تەربىيەلىنىدىكەن.

  سۈرەتتە: تەربىيەلەش كۇرسىدىن كۆرۈنۈشلەر

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·دۇنيادىكى ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان 9رومانتىك شەھەر
      ·شىنجاڭدىكى 11 ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا 847 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا تۇنجى قېتىم توردا تىزىملىتىشنى يولغا قو…
      ·57 دۆلەت ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش مۇددىئاسى بار ئەزا دۆلەتكە ئايلاندى
      ·جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات «تېز پويىزى» ئارقىلىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى…
      ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەسلى مائارىپى مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغىنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىشن…
      ·يېزىلاردىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش خىزمىتى 15 …
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كوجىما ياسۇيو ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەش يىل ئۇزارتىلىدۇ
      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·غەربكە سەپەر پويىزى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا توختىماي قاتنىماقتا