باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پاكىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىسلامئابادتىن ئايرىلدى

2015.04.22 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ جاكارتادا ئاسىيا-ئافرىقا رەھبەرلىرى يىغىنى ۋە باندۇڭ يىغىنىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-ئاپرېل ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتاغا بېرىپ، ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى جوكونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئاسىيا-ئافرىقا رەھبەرلىرى يىغىنى ۋە باندۇڭ يىغىنىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ھىندونېزىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كۇمورو ۋە مالىيە مىنىستىرى بەنباڭ ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئايرودرومدا شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمى پېڭ لىيۈەننى كۈتۈۋالدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 21-ئاپرېل ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتاغا بېرىپ، ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى جوكونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئاسىيا-ئافرىقا رەھبەرلىرى يىغىنى ۋە باندۇڭ يىغىنىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 11:50 لەردە جاكارتادىكى خەلىم خەلقئارا ئايرودرومىغا قوندى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمى پېڭ لىيۈەن ئايروپىلان شوتىسىدىن چۈشكەندە، ھىندونېزىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كۇمورو ۋە مالىيە مىنىستىرى بەنباڭ ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئۇلارنى كۈتۈۋالدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جېچى قاتارلىق ھەمراھلىرىمۇ بىر ئايروپىلاندا كەلدى.

  جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شې فېڭمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر