باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

سەككىز بەلگىلىمىگە خىلاپ 112 تىپىك دېلو ئېلان قىلىندى

2015.04.22 09:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى تۈنۈگۈن ھەپتىلىك ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېقىنقى مەزگىلدە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىىنىڭ روھىغا خىلاپ 112 تىپىك دېلونى ئېلان قىلدى. بۇ دېلولار ئاساسلىقى مۇكاپات، پاراۋانلىق، تولۇقلىمىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ تارقىتىش، سوۋغات، پۇلنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئېلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەتكە چىقىش، تۆي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش، شەخسىي كىچىك خەزىنە ئېچىش، تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە بەلگىلىمىگە خىلاپ قاتنىشىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا مال سېتىۋېلىش كارتىسى ئېلىش، مەقسەتلىك مېھاندارچىلىققا بەلگىلىمىگە خىلاپ بېرىش، خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ. ماي بايرىمى يېقىنلاپ قالدى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى يېقىندا ماي بايرىمى مەزگىلىدىكى تۆت ناتوغرا ئىستىل مەسىلىسىنى نازارەت قىلىش، ئاشكارىلاش مەخسۇس سەھىپىسىنى ئېچىپ، تورداشلارنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى نازارەت قىلىش ۋە ئاشكارىلىشىنى قارشى ئالدى ھەم 20-ئاپرېلدىن تارتىپ، ھەر ھەپتىدە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ دېلولارنى ئىسمىنى ئاتاپ ئاشكارا ئۇقتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر