باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر بەلباغ، بىر يولنى راۋانلاشتۇرۇش-يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئىلگىرى سۈردى

2015.04.23 09:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر بەلباغ، بىر يول ئۇلۇغ پىلانىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتىكى ئاچقۇچ راۋانلاشتۇرۇشنى ياخشى قىلىشتا. سودىنى راۋانلاشتۇرۇش-بەشنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ بىرى بولۇپ، چېگرىدىن تېز ئۆتۈش يولى سودىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  تاموژنا باش مەھكىمىسى 31-مارت «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تاموژنا رايونىدىكى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى رەسمىي چىقاردى. تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى-ئون تاموژنىدىن ئۆتۈشنىڭ بىر تاموژنىغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، يەنى رايون ئىچىدىكى كارخانىلار مەيلى ئون تاموژنىنىڭ قايسىسىدا رەسمىيەت بېجىرىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسىدە ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالاتاۋ ئېغىزىدىن چىڭداۋنىڭ چيەنۋەن پورتىغىچە 90 مىڭغا يېقىن كارخانا ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ھېسابقا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا چوڭ جەھەتتىن كارخانىلارنىڭ %20 تىن %30 كىچە بولغان تاموژنىدىن ئۆتۈش تەننەرخى تېجىلىدىكەن.

  يېقىنقى مەزگىلدە، چىڭداۋدىن شىنجاڭغا ماڭغان تۇنجى ئىمپورت مال مەخسۇس پويىزى ئوڭۇشلۇق يولغا چىقىپ، ئاپتوموبىل چېگرا ئېغىزى بىلەن توشۇش ئەندىزىسى تاشيولدىن تۆمۈريولدا توشۇشقا قاراپ ئۆزگەردى؛ چىڭداۋ تاموژنىسى بىلەن شىئەن تاموژنىسى قانۇن ئىجراسىنى ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىش، ئۆتۈشمە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاشتىن ئىبارەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئەندىزىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، بىر بەلباغ، بىر يول ياقىسىدىكى تاموژنىلاردا ھاۋا، دېڭىز، تۆمۈريول، تاشيولدا توشۇش ئۇسۇلىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى.

  ئاشكارىلىنىشىچە، تاموژنا باش مەھكىمىسى يېڭى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى بىلەن جۇڭگو-موڭغۇلىيە-رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بىلەن شەرقىي شىمال رايونىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىشلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، كارخانىلار ئىلتىماس قىلىش، باج تاپشۇرۇش، مال تەكشۈرۈش، يول قويۇش نۇقتىلىرىنى ئۆز ئالدىغا تاللاپ، ھەممە تاموژنىدىن بىرلا تاموژنىدىن ئۆتكەندەك ئۆتسە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر