باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ مىن پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنى تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلدى

2015.04.23 15:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ مىن 21-ئاپرېل خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە ئاشكارا مۇنازىرىسىدە مۇنداق دېدى: پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ يادروسى، بۇ رايوننىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنى تىنچلىقنى نىيەت قىلىپ، ئالدىغا قاراپ مېڭىپ، سۆھبەتنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ھەمدە ئىلگىرى سۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ.

  ۋاڭ مىن مۇنداق دېدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە زۆرۈر مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، پەلەستىن بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، تىنچلىق سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىگىلىۋېلىشكە خاتىمە بېرىپ، غەززە رايونىنى قايتىدىن قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور رول ئويناپ، ھەقىقىي ھەرىكەت قوللىنىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  ۋاڭ مىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو پەلەستىن مەسىلىسىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، پەلەستىننىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر