باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2015.04.23 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش، تۈزەش مەسىلىسىگە پىكىر-تەكلىپ بەردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش-جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تارىخىي شارائىتتا چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى. بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېيدىكى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش، تۈزەشنى كۈچەيتىش-پۇقرالارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. نۆۋەتتە، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېيدىكى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش، تۈزەشتە ئىلگىرىلەشمۇ، مەسىلىمۇ، ئۈمىدمۇ بار، لېكىن بۇنى ياخشى ھەل قىلىشقا يەنە بەلگىلىك جەريان كېتىدۇ. بىزنىڭ مەسىلىگە يۈزلىنىپ، كۈچنى زورايتىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا قەتئىي ئىشەنچىمىز بار. سۆھبەت يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسى چوڭقۇر، كەيپىيات قىزغىن بولدى، ئەزالار بىلەن مۇتەخەسسىس، ئالىملار كەڭ-كۇشادە پاراڭلىشىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يۈ جېڭشېڭ ئەستايىدىل خاتىرىلىدى، ئارىلاپ سۆز قىستۇرۇپ ئەھۋاللارنى سورىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر