باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جونكېر بىلەن فايىمان كۆچمەنلەر كىرزىسى مەبلىغى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2015.04.23 15:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جونكېر بىلەن ئاۋسترىيەنىڭ زۇڭلىسى فايىمان تۈنۈگۈن ۋېنادا: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرا يەر دېڭىزى كۆچمەنلەر كىرزىسىگە تاقابىل تۇرىدىغان مەبلەغ مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  فايىمان مۇنداق دېدى: كۆچمەنلەر مەسىلىسى مالتا بىلەن ئىتالىيەنىڭلا ئىشى بولۇپ قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل ياۋروپانىڭ ئىشى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر مەلۇم نىسبەتتە مۇساپىرلارنى ئۈستىگە ئېلىشى، ھەر بىر دۆلەت بۇنىڭ ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدا ئىككى قېتىم قانۇنسىز كۆچمەنلەر پاراخوتى چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئۆلۈم-يىتىم بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر