باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا كومىتېتى ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش قىلمىشىنى تەكشۈرۈشىگە ئىلھام بەردى

2015.04.23 15:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا كومىتېتى كېڭىشى يىغىنى 21-ئاپرېل قارار ماقۇللاپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىش، قانۇنسىز كەڭ كۆلەملىك ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش ۋە نازارەت قىلىشنى توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش نازارەت قىلىش پائالىيەتلىرىنى تەكشۈرۈشىگە ئىلھام بەردى.

  قاراردا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ پىرىزما ۋەقەسى تۈرىنى ئاشكارىلىغۇچى سىنوۋدىن ئاشكارىلىغان ئامېرىكىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىشى كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىپلا قالماستىن، تېررورلۇققا قىلچىلىك ياردىمى بولمىدى، چۈنكى ئۇ نازارەت قىلىش بايلىقىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، دىققىتىنى چېچىش ئارقىلىق تېررورچىلارغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

  قاراردا: قانۇنسىز ئاڭلاش ۋە نازارەت قىلىش قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلىغۇچىلارنى قوغداش كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر