باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن 100 كىشىگە خەلقئارادا قوغلاپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

2015.04.23 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «ئاسماندا تور» ھەرىكىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى جۇڭگو دۆلەتلىك مەركىزىي ئىدارىسى يېقىندا، جىنايەتكە چېتىشلىق چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن دۆلەت خىزمەتچىلىرى، مۇھىم چىرىكلىك دېلوسىغا چېتىشلىق كىشىلەر قاتارلىق 100 كىشىگە چىقىرىلغان قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقىنى مەركەزلىك ئېلان قىلىپ، خەلقئارادا قوغلاپ تۇتۇش سالمىقىنى ئاشۇرغان.



  
چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ دېلو يۈز بەرگەن ئورنىدىن قارىغاندا شىنجاڭ، شىزاڭ، چىڭخەي، گەنسۇ، نىڭشىيا، شەنشى ۋە گۇيجۇدىن باشقا ئۆلكىلەرگە چېتىلىدىكەن. گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ، جياڭسۇ قاتارلىق شەرقىي جەنۇب دېڭىز ياقىسىدىكى ئۆلكىلەرگە كۆپرەك چېتىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە گۇاڭدۇڭدىن 15 كىشى، جېجياڭدىن سەككىز كىشى، جياڭسۇ، بېيجىڭ، خېبېينىڭ ھەر قايسىسىدىن يەتتە كىشى، لياۋنىڭ، شەندۇڭ، خېنەن، خۇبېي، يۈننەننىڭ ھەر قايسىسىدىن ئالتە كىشى بارىكەن. چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن ۋاقتىدىن قارىغاندا، بۇرۇنقىلىرى 1996-يىلى، ھازىرقىلىرى 2014-يىلغىچە ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 2013-يىلى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 12 گە يېتىپ، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان قېچىپ كەتكەنلەر ئەڭ كۆپ يىل ھېسابلىنىدىكەن.



  
چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن كىشىلەر ئىچىدە، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا 1-قول رەھبەرلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلار 48گە يەتكەن. قالغانلىرى تارماق ئەترەت ساقچىسى، شىركەت بوغالتىرى، ئىشخانا كاسسىرى، بانكا قەرز پۇل بەرگۈچىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.



  
مۇخبىرنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 40 كىشى ئامېرىكىغا، 26 كىشى كاناداغا، 11 كىشى يېڭى زېلاندىيەگە، 10 كىشى ئاۋسترالىيەگە، توققۇز كىشى تايلاندقا، سەككىز كىشى شىياڭگاڭغا، ئالتە كىشى سىنگاپورغا، تۆت كىشى كورىيەگە قېچىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە فرانسىيە، مالايسىيا، ھىندونېزىيە ۋە ۋېيتنام قاتارلىق جايلارغا قېچىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارىكەن.



  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر