باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا ماھىيەتلىك ياردەم بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2015.04.23 15:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى رام ھەمدۇللا تۈنۈگۈن ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك ياردەملەرنى بېرىپ، پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇشىنى قوللىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ھەمدۇللا مۇنداق دېدى: پەلەستىن بىرلەشمە ھۆكۈمىتى نۆۋەتتىكى پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) بىلەن بولغان ئىختىلاپىنى تىرىشىپ ھەل قىلىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇشى ھەمدە تىنچلىق مۇساپىسىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ.

  پەلەستىن بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن خاماسنىڭ سۆھبىتى 20-ئاپرېل ئىختىلاپ كۆرۈلگەنلىكتىن توختاپ قالدى. ھەمدۇللا مۇنداق دېدى: پەلەستىن بىرلەشمە ھۆكۈمىتى غەززە رايونى بىلەن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بارلىق تەشكىلاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا ئېرادە باغلىدى. ھازىر خاماس بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىشقا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. بۇ پەلەستىن ھۆكۈمىتى بىلەن خەلقىنىڭ ئورتاق نىشانى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر