باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران زۇڭتۇڭى: يادرو سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇش ئارزۇيۇم كۈچلۈك

2015.04.23 15:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يادرو سۆھبىتى باشلىنىش ئالدىدا، ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي 21-ئاپرېل مۇنداق دېدى: ئىران ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت بىلەن بولغان سۆھبەتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى بەك ئارزۇ قىلىدۇ، شۇنداقلا سۆھبەتكە قاتناشقۇچى باشقا تەرەپلەرنىڭمۇ ئوخشاش ئارزۇدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  روھانىي تېھراندىن ھىندونېزىيەگە بېرىپ ئاسىيا–ئافرىقا رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن يۇقىرىقىلارنى بىلدۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت بىلەن بولغان سۆھبىتىدە ئىلگىرلەش بولماقتا، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۆھبەتتە ئارزۇسىنى نامايان قىلىپ، ئىيۇلنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنىڭ پىرىنسىپى ۋە تەپسىلاتىنى بېكىتىپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئائىت بىر ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ئىران بىلەن ئوتتۇرا شەرق رايونى ھەتتا پۈتكۈل ئاسىيانىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر