خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «پيوڭياڭ چاۋشيەن رەھبىرى كىم جۇڭئېننىڭ 5-ئاينىڭ 9-كۈنى موسكىۋادىكى ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 70يىللىقىنى خاتېرىلەش پاراتىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى». 22-ئاپرېل روسىيەدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلار بۇ خەۋەرنى تارقاتتى. بۇ چاۋشيەن رەھبىرى كىم جۇڭئېننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم سىرتقا چىقىشى بولغانلىقتىن كىشىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى. نۆۋەتتە موسكىۋادىكى پاراتقا يېرىم ئايلا ۋاقىت قالدى، روسىيەدە بۇ دۆلەتنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ پارات مۇراسىمىغا جىددىي تەييارلىق قىلماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا موسكىۋا يەنە ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋېلىش تەييارلىقىنى قىلىپ بولدى.
روسىيە «كۆز قاراش گېزىتى» 23-ئاپرېل خەۋەر قىلىپ، روسىيە 68دۆلەت رەھبىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ رەھبىرىگە تەكلىپنامە ئەۋەتكەن بولسىمۇ ئۇكرائىنا مەسىلىسى سەۋەبلىك، كۆپ قىسىم غەرب ئەللىرىنىڭ باشلىقلىرى قاتنىشىشنى رەت قىلدى. نۆۋەتتە قاتنىشىشنى جەزملەشتۈرگەن دۆلەت رەھبىرى 25نەپەر بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە نۇرغۇن ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ روسىيەنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى