ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كۈرەش ياقۇپ خەۋىرى، فوتوسى؛ پەيزاۋات ناھىيە ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلىمى ، مەدەنىيەت رادىئو – تېلۋىزىيە ئىدارىسى ، ناھىيىلىك شىنخۇا كىتاپخانىسىنىڭ يېقىندىن قوللاپ يتەكچىلىك قىلىشى نەتىجىسىدە 2015- يىلى 4 – ئاينىڭ 23- كۈنى «دۇنيا كىتاپ ئوقۇش كۈنى»نىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرلەش ،كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتىرىش ،مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن داغدۇغىلىق ھالدا بۇ خاسىيەتلىك پائالىيەتنى ئۆتكۈزدى .
بۇ پائالىيەتكە ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيىتى، قوشنا ناھىيەلەردىن قاغىلىق ناھىيەسى، يوپۇرغا ناھىيەسىدىن بىرقىسىم يازغۇچى – ئەدىب ، سەنئەتكارلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى ۋە ناھىيىمىزنىڭ ھەرقايسى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋەكىللىرى، كەڭ ئاتا-ئانىلار تاماشىبىنلاردىن بولۇپ 3500 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى، بۇ پائالىيەتتە ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرى، ناخشا – ئۇسۇل، دىكىلىماتسىيە، ئىتوت قاتارلىق مەزمۇنى ساغلام بولغان كىتاپ ئوقۇش ھەققىدە ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بېرىلغان بىرقېتىملىق ئەھمىيەتلىك كىتاپ ئوقۇش ھەققىدە ئەخلاقىي تەربىيە دەرسى بولدى .
پائالىيەت ئاخىرىدا جياشىڭ ئۆي – مۈلۈك شىركىتىنىڭ باش دىرىكتورى ئىسمايىلجان ئەخەت 30 مىڭ يۈەن قىممىتىدە ، بۇلاق ئۆي – مۆلۈك شىېركىتىنىڭ باش دېرىكتورى مۇتەللىپ ئىسلام 15 مىڭ يۈەن قىممىتىدە، غولتوغراق يېزىسىدىن يەككە تىجارەتچى مەمتىمىن قادىر 10 مىڭ يۈەن قىممىتىدە ، ناھىيەلىك شىنخۇا كىتاپخانىسى 15 مىڭ يۈەن قىمىتىدە ، جەمئىي 70 مىڭ يۈەنلىك كىتاب بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە قىلىندى .