باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۈگۈر ناھىيەسى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى

2015.04.24 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ : بۈگۈر ناھىيەسى يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققى قىلدۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ، مەبلەغ سېلىش قۇربىنى ئاشۇرۇپ ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى .

  بۈگۈر ناھىيەسى يۇقىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلىشىنىڭ تەلىۋى بۇيىچە ، « بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلىشى پىلانى » نى تۈزۈپ يولغا قۇيۇپ ، ئۇنى « خەلق تۇمۇشى قۇرۇلىشى » نىڭ مۇھىم ئامىلى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ، ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە ماس قەدەمدە مېڭىشنى كاپالەتلەندۈردى . مەكتەپلەرنىڭ يېڭىدىن سېلىنىدىغان قۇرۇلۇشلىرىنىڭ كۆلىمى ۋە سۈپىتىگە ھەقىقى تۈردە كاپالەتلىك قىلىپ ، قۇرۇلۇش سانىنى يىلسىرى كۆپەيتتى . 2013 – يىلىدىن بۇ يىل 4 – ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە جەمئىي 182 مىليۇن 317 مىڭ 140 يۈەن سەرىپ قىلىپ ، ناھىيە تەۋەسىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاش ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىسى قۇرۇلىشىنى پۈتۈنلەي تاماملىدى . مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش نىسبىتىنى %100 كە يەتكۈزدى . نۆۋەتتە ، ناھىيە بۇيىچە مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن زامانىۋىي تۈسكە كىرىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتىرجەم ۋە خۇشال – خۇرام بىلىم ئالىدىغان ماكانغا ئايلاندى .

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر