دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-ئاپرېل جاكارتادا بىرما زۇڭتۇڭى ۋۇ دېڭشېڭ بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى شې خۇەنچى فوتوسى)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-ئاپرېل جاكارتادا بىرما زۇڭتۇڭى ۋۇ دېڭشېڭ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر سىز جۇڭگوغا ئىككى قېتىم زىيارەتكە كەلگەندە، بىز جۇڭگو-بىرمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدۇق. ئىككى تەرەپنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى يارقىن نۇقتىلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: خەلق تورى