باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆپلىگەن جايلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىستېمىسىدا ئۇچۇر بىخەتەرلىك يوچۇقى كۆرۈلدى

2015.04.24 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يوچۇققا ئىنكاس قايتۇرۇش سۇپىسى يېقىندا جياڭسۇ، شەنشى، سىچۈەن، جېجياڭ، سەنشى قاتارلىق مەملىكەت بويىچە ئاز دېگەندە 19 ئۆلكىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىستېمىسىدا يوچۇق بارلىقى، نەچچە ئون مىليون كىشىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارىلىنىش خەۋپى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، ھازىر ٪40 يوچۇق ئېتىلگەن، لېكىن نەچچە ئون مىليون كىشىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇمات يوچۇقى تېخى ئېتىۋېتىلمىگەن.

  دۆلەت ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ ئىشقا ئالاقىدار ئۆلكىلەردىن يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈپ تۈگىتىشنى تەلەپ قىلدى. ھەقىقەتەن يوچۇق بارلىرى 1-ۋاقىتتا تەدبىر قوللىنىپ يوچۇقنى ئېتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نۆۋەتتىكى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىستېمىسىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى ئاشكارىلىنىش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر