باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئاسىيا-ئافرىقا رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2015.04.23 17:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باندۇڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاسىيا-ئافرىقا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولايلى

  ئاسىيا-ئافرىقا رەھبەرلىرى يىغىنى 22-ئاپرېل ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە «باندۇڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەمكارلىشىش ۋە ئورتاق پايدا ئېلىشقا تۈرتكە بولايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى لەن خۇڭگۇاڭ فوتوسى)

  ئاسىيا-ئافرىقا رەھبەرلىرى يىغىنى 22-ئاپرېل ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە «باندۇڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەمكارلىشىش ۋە ئورتاق پايدا ئېلىشقا تۈرتكە بولايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى جاڭ دو فوتوسى)

  شى جىنپىڭ باندۇڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى

  بىرىنچى، ئاسىيا-ئافرىقا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى پۇرسەت، يېڭى خرىسلار ئالدىدا، ئاسىيا-ئافرىقا دۆلەتلىرى تىنچلىقتا ۋە خەتەردە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا بىرلىشىپ قوغدىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا تەڭ تاقابىل تۇرۇپ، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش، جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداشلاردىن بولۇشى كېرەك.

  ئىككىنچى، جەنۇب بىلەن جەنۇب ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى تەرەققىياتنى تىزلىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتەك ئورتاق ۋەزىپىگە دۇچ كەلمەكتە، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

  ئۈچىنچى، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تەرەققىياتقا ياردەم بېرىش ۋەدىسىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي شەرت قوشمىغان ئاساستا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ باراۋەر، تەكشى بولغان يېڭىچە دۇنياۋى تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر