- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئامېرىكا تەكشۈرۈش دوكىلاتى: دۇنيادىكى ئەڭ خۇشال دۆلەت_ شىۋىتسارىيە
2015.04.24 13:12 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يېقىندا نيۇيوركدا ئېلان قىلىنغان « 2015 - يىللىق دۇنيا خۇشاللىق دوكلاتى » دا كۆرسىتىلىشىچە، شىۋېتسارىيە دۇنيادىكى ئەڭ خۇشال دۆلەت بولۇپ باھالانغان، ئىككىچىدىن بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئىسلاندىيە، دانىيە، نورۋېگىيە ۋە كانادا ئىكەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 10 خۇشاللىق چۆمگەن دۆلەت ئىچىدە غەربىي ياۋروپا ۋە شىمالىي ياۋروپانىڭ كىچىك تىپتىكى دۆلەتلىرىدىنلا يەتتىسى بار ئىكەن. غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئارىسىدا، ئامېرىكا پەقەتلا 15-ئورۇندا، ئەنگلىيە 21-ئورۇندا، گېرمانىيە 26-ئورۇندا، فرانسىيە 29-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئافغانىستان ۋە سۈرىيە قاتارلىق 10 دۆلەت ئاخىرقى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر