باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەركىن سودا رايونى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، دۆلەتنىڭ «كەلگۈسى تۈزۈمى» ھەققىدە ئىزدىنىش

2015.04.24 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىنغان بىر يېرىم يىلدىن بۇيان، تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش، سىرتقا ئومۇملاشتۇرۇش، دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق بىر قانچە بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى بېسىپ ئۆتتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بۇ يىل 1-ئايدىن 3-ئايغىچە ئەركىن سودا رايونىنى ئىككى قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە يېقىندا تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ 22-ئاپرېل مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىگە ئوتتۇرا مەزگىللىك دوكلات بېرىپ، ئەركىن سودا رايونىنى نۇقتىدا سىناق قىلغاندا قولغا كەلتۈرۈلگەن خىزمەت نەتىجىلىرىنى دوكلات قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى دوكلاتقا بىردەك يۇقىرى باھا بېرىپ، دوكلاتنىڭ مەزمۇنى ئېنىق، ئەمەلىيەتتىن چىقىش قىلغان، دەپ قاراشتى. قىسمەن ئەزالار مۇنداق كۆرسەتتى: گوۋۇيۈەننىڭ دوكلاتى يۇقىرى نۇقتىدىن يېزىلغان، لېكىن مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلىقى، تەپسىلىي ۋە ئېنىقلىق دەرىجىسىدە يېتەرسىزلىك بار، بۇنىڭغا مەملىكەت خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە -ئىقتىساد كومىتېتى بەرگەن دوكلاتنى قوشۇپ، ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە ئەركىن سودا رايونىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىگىلى بولىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2013-يىلنىڭ ئاخىرىدا شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىغا مەمۇرىي تەستىق ھوقۇق چەكلىمىسىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ھوقۇقى بېرىپ ۋىۋىسكا ئاسقانىدى. گوۋۇيۈەن بىر يىل ئىسلاھ قىلغاندىن كېيىن «جۇڭگو (شاڭخەي) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ قوللانغىلى بولىدىغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە 28 تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىسىنى ئومۇملاشتۇردى، مەملىكەتتىكى تاموژنا ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان باشقا رايونلاردا 6 تۈرلۈك ئىسلاھاتنى ئومۇملاشتۇردى.گۇاڭدۇڭ، تيەنجىن، فۇجيەنلەردە 2015-يىلى 4-ئايدا ماس قەدەمدە يېڭى ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇپ، دائىرىسىنى كېڭەيتكەن شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى بىلەن بىر سەپ بولۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ «باشلامچى»سىغا ئايلاندى.

   مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر