- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «2015-يىللىق ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى»نى بېسىپ تارقاتتى
2015.04.22 15:36 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «2015-يىللىق ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «مۇھىم نۇقتا» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ يىللىق ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.
«مۇھىم نۇقتا»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىللىق ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش نىزامى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشتا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، يېڭىلىق يارىتىشچان ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت ۋە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر