باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دۆلەت ۋە خەلققە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلەمدۇ؟

2015.04.23 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۈ كۇاڭدى بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۇنداقتا 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگولۇقنى كىم باقىدۇ؟

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىسمەن ئالىملار سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرماسلىق كېرەك، سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زىددىيىتى گەۋدىلىك، دەپ قارىدى، بەزىلىرى ھەتتا سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دۆلەت ۋە خەلققە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ، پۈتۈن دۆلەتنىڭ بايلىقىنى خوراتقاندىن سىرت، يەنە مۇھىتنى بۇلغايدۇ، دەپ قارىدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى شۈ كۇاڭدى تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن «ياسىمىچىلىق ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدىرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى تەتقىقاتىنىڭ 1-باسقۇچلۇق خۇلاسە يىغىنى ۋە 2-باسقۇچلۇق ھەرىكەتكە كېلىش يىغىنى»دا بۇ قاراشقا رەددىيە بەردى.

  ياسىمىچىلىق كەسپى خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى، بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ

  شۈ كۇاڭدى مۇنداق دېدى: يۇقىرىدىكى ئالىملارنىڭ قارشى ئاساسلىقى شياڭگاڭ ۋە سىنگاپورنى پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلغان، لېكىن بۇ ئىككىسىلا شەھەر، سىنگاپور تېخى شەھەر تىپىدىكى دۆلەت، ئۇلار ئاشلىق، گەزمال، ئاپتوموبىللارنى ئىمپورت قىلىپ، پەقەت پۇل مۇئامىلە ئىشى بىلەن شۇغۇللانسىلا بولىدۇ، لېكىن جۇڭگودىكى 1 مىليارد 300 مىليون كىشىنىڭ تاماق، كىيىم-كېچەك، لازىملىقلىرىنى كىم تەمىنلەيدۇ؟

  شۈ كۇاڭدى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ياسىمىچىلىق كەسپى خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى، بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ، مۇھىمى ياسىمىچىلىق كەسپىنى قانداق قىلىپ يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشتا. يېزا ئىگىلىكى بىلەن ياسىمىچىلىق كەسپى دۆلەتنىڭ «پۇتى» بولۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بېيىتىش، دۆلەت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالىتى.

  مەنبە: خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر