باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەسى 2015- يىلى 1- تۈركۈمدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىما مەبلىغىدىن 31 مىليون يۈەننى قولغا كەلتۈردى

2015.04.24 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، ئەزىمەت توختى خەۋرى: يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى دۆلەتنىڭ «3 تولۇقلىما» ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، يېزا ئىگىلىك سايمانلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، زامانىۋىي يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى يۈكسەلدۈرۈش قاتارلىقلاردا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. سىياسەتنىڭ ئېنىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، تەسىرچانلىقىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئونسۇ ناھىيەسى ئالاقىدار كەسپىي تايانچلارنى يېزا، بازار، مەيدانلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسىغا ئائىت سىياسەتلەرنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىشقا تەشكىللىدى، تەشۋىقات ۋارەقچىسى تارقىتىش، نەق مەيداندا ئاممىنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاممىنىڭ تەشۋىشلىرىنى تۈگىتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. ھازىرغىچە، ئونسۇ ناھىيەسىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش مۇدىئاسى بارلار 2100 ئائىلىگە يەتتى. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى ئونسۇ ناھىيەسى 1- تۈركۈمدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىما مەبلىغىدىن 31 مىليون يۈەن قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا ساپ 12 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، %63.16 ئاشقان، بۇ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مەبلىغى ئونسۇ ناھىيەسىدىكى كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارغا ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كېلىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر