خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ئاپرېل، شىنخۇا ئاگېنتلىقى باشلىغان «جۇڭگو تور ئىشلىرى _ تەسىرلىك 2015» بىرىنچى پەسىللىك تور شەخسلىرىنى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلار مىليونلىغان بېلەتلەرنى تاشلاپ، 28نامزات ئىچىدىن ئۆزىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگەن 10 «ئاددىي قەھرىمان»نى تاللاپ چىقتى. تەڭرىتاغ تورى تەۋسىيە قىلغان نامزات «مېھىرلىك ناۋاي» ئابدۇرۇسۇل بىرىنچى پەسىللىك تور شەخسلىرى بولۇپ باھالاندى.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى