باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى: ئاھالىلەر كىملىكىنى باشقا جايدا بېجىرىش، يىتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ

2015.06.09 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج خ مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، ج خ مىنىستىرلىقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى گو شېڭكۈننىڭ رىياسەتچىلىكىدە 8-ئىيۇن ج خ مىنىستىرلىقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 10-قېتىملىق (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلىپ، ئاھالىلەر كىملىكىنى باشقا جايدا بېجىرىش، يىتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ۋە يىتتۈرگەنلەرنى چاقىرىش تۈزۈمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكرىنى مۇزاكىرە قىلىپ قاراپ چىققان. گو شېڭكۈن مۇنۇلار تەكىتلىگەن: مەسىلىنى يېتەكچى، ئىسلاھاتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، قانۇننى ئاساس، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تايانچ قىلىپ، ئاھالىلەر كىملىكىنى باشقا جايدا بېجىرىش، يىتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ۋە يىتتۈرگەنلەرنى چاقىرىش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئاممىنىڭ كىملىك بېجىرىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىش، ئاھالىلەر كىملىكىنىڭ جەمئىيەتتە قوللىنىشىغا تېخىمۇ بىخەتەر مۇھىت ھازىرلاش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر