باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەنخۈي ئۆلكىسىدە ھامىلە چۈشۈرگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلماقچى

2015.06.09 09:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «جىنس پەرقىنى بېكىتىپ ۋە تاللاپ، ھامىلىدار بولۇشنى توختاتقانلارغا، قانۇنسىز تاپاۋىتى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشسا، قانۇنسىز تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئالتە ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.» ئەنخۈي ئۆلكىلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ تور پونكىتىدا «تىببىي ئېھتىياجدىن سىرت ھامىلىنىڭ جىنس پەرقىنى بېكىتىپ ۋە تاللاپ، ھامىلىدار بولۇشنى توختىتىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسى (تۈزىتىلگەن دەسلەپكى لايىھەگە پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىن پىكىر ئېلىندى.

  ھامىلىدار بولۇپ 14 ھەپتىدىن ئاشقانلارنىڭ ھامىلە چۈشۈرۈشى چەكلىنىدۇ

  پىكىر ئېلىش لايىھەسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، ھامىلىدە جىنسقا ئەگەشكەن ئېرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىك بار دەپ گۇمان قىلىنغان بولسا، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ئۈچتىن ئارتۇق مۇتەخەسسىسنى تەشكىللەپ، كوللېكتىپ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى، ھەمدە ھامىلىنىڭ جىنسىنى بېكىتىشكە بولىدىغان- بولمايدىغانلىقىغا ئائىت تىببىي پىكىر چىقىرىپ بېرىشى كېرەك. قانۇندا بەلگىلەنگەن تۇغۇت شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن، ھامىلىدار بولغان مەزگىلى 14 ھەپتىدىن ئاشقان ئاياللار ھامىلىدارلىقنى توختىتىشقا بولمايدۇ، ئەمما تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا: (1) ھامىلە ئېغىر ئېرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولسا؛ (2) ھامىلىدە ئېغىر دەرىجىدىكى كەمتۈكلۈك بولسا؛ (3) ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ھامىلىدارلىقنى داۋاملىق ساقلاپ قالغاندا ھامىلىدار ئايالنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزۈلسە ياكى ھامىلىدار ئايالنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزسە؛ (4) ئىجازەت بېرىلگەن داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ھامىلىدارلىقنى توختىتىش كېرەك دەپ بېكىتسە؛ (5) ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن باشقا ئەھۋاللار.

  ھامىلىنىڭ جىنسىنى بېكىتسە جازالىنىدۇ

  باشقىلارغا تىببىي ئېھتىياج بولمىغان ھالدا جىنس پەرقىنى بېكىتىپ ۋە تاللاپ، ھامىلىدار بولۇشنى توختاتقانلارغا، قانۇنسىز تاپاۋىتى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشسا، قانۇنسىز تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئالتە ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنسىز تاپاۋىتى بولمىسا ياكى قانۇنسىز تاپاۋىتى 10 مىڭ يۈەنگە توشمىسا، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. قىلمىش سادىر قىلغۇچى دۆلەت ئاپپاراتلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىمى بولسا، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى باشقۇرغۇچى تارماق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشتىن ئىشتىن بوشىتىشقىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ھامىىلدار ئاياللار ئەگەر تىببىي ئېھتىياج بولمىغان ھالدا ھامىلىنىڭ جىنسىنى بېكىتكەن بولسا 200 يۈەندىن يۇقىرى 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىش سادىر قىلغۇچى دۆلەت ئاپپاراتلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىمى بولسا، ئاگاھلاندۇرۇشتىن يۇقىرى مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھامىلىدارلىقنى توختاتقان بولسا، 1000 يۈەندىن يۇقىرى 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر