باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 59 پوستدوكتور پونكىتى تەسس قىلىندى

2015.06.09 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-چېسلام شىنجاڭ مالىيە ـ ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى پوستدوكتورلۇقتىن كېيىنكى كۆچمە پونكىتقا ۋېۋىسكا ئېسىلدى. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، رايونىمىزدا 59 پوستدوكتورلۇق پونكىتى تەسس قىلىنغان بولۇپ، جەمئىي قوبۇل قىلىنغان ۋە تەربىيەلەنگەن پوستدوكتور تەتقىقاتچىلىرى 666 نەپەرگە يەتكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پوستدوكتورلۇقتىن كېيىنكى خىزمەتلەر 2011-يىلى باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە 27 پەن تەتقىقات كۆچمە پونكىتى ۋە 32 پوستدوكتورلۇق تەتقىقات خىزمەت پونكىتى تەسس قىلىنغان؛ كارخانا پوستدوكتورلۇق خىزمەت پونكىتىدىن 26سى، پوستدوكتورلۇقتىن كېيىنكى يېڭى ئەمەلىيەت بازىسىدىن 18ى تەسس قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم پەن تەتقىقات ۋە نېفىت خىمىيەسى، يېڭى ئېنىرگىيە، ماشىنا ۋە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش، داۋالاش سەھىيە قاتارلىق كەسپ ساھەلەرگىچە قاپلىغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن شىنجاڭنىڭ جەنۇپ ـ شىمالىغىچە بولغان يەتتە ئوبلاستقىچە تارقالغان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر