باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇتەخەسسىسىلىرى پارتىيە مەكتىپىدە مۇنازىرىلەشتى:

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىخنىڭ تۆت كوچا دوقمۇشىغا كېلىپ قالدى

2015.06.09 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. «يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى:جۇڭگولۇق ياش ئالىملارنىڭ ساداسى» مۇھاكىمە يىغىنى 6- ئىيۇن مەركىزى كومىتېت پارتىيە مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ۋە ئامېرىكىنىڭ نەچچە ئون خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسلىرى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى ئەھۋال، شەرقىي جۇڭگو دېڭىزى، جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى ئامىلى، ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق رايون ئامىللىرى، ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، كىلمات قاتارلىق قارالمىلاردا ئۈستىدە مۇنازىرىلەشتى.

  «يوشۇرۇن ئېقىن»دىن ھۇشيار بولۇش: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئىختىلاپقا توغرا قاراشدىپلوماتىيە ئىنىستېتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ فەن مۇنداق دېدى:جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى ئۈچ جەھەتتە يېڭى ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ: بىرىنچى ئىككى دۆلەت ئىستىراتېگىيەسىدە بەزى ئىختىلاپلار كۆرۈلدى. ئامېرىكا جۇڭگو قاتتىق قول دىپلوماتىيە ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويغاچقا، ئامېرىكا جۇڭگوغا يېڭىچە چەكلەش ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويماقچى. ئىككىنچى ئامېرىكا شەرقىي ئاسىيا سىياسىتىنى تەڭشىدى. ئامېرىكا بەزى كىرىزىسلەر ئارقىلىق ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنى يەنىمۇ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرماقچى. ئۈچىنچى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى چوڭ دۆلەتلەر توقۇنۇشىدىمۇ يېڭى ئۆزگىرىش بولدى. مەسىلەن پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە ئامېرىكا ئالىملىرى «پۇل مۇئامىلە قوراللاشتۇرۇش» قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پۇل مۇمىلە بىلەن تورنىڭ بىرىكىشى ئەنئەنىۋى توقۇنۇشتىن بەك خەتەرلىك بولۇشى مۇمكىن.

  «يوشۇرۇن ئېقىن تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇشى مۇمكىن.» جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتى جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئورنىنىڭ باشلىقى دا ۋېي مۇنداق قارىدى: ئوباما زۇڭتۇڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتى ئاساسەن مۇقىم بولسىمۇ، بىراق جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ھازىر پاسسىپ يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ «سىياسىي، ئىستىراتېگىيە جەھەتتە دۈشمەنلىشىش»تەك يېڭى سوغۇق ئۇرۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىش ئېھتىماللىقى زور. «بۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك.»

  ئامېرىكا «ئىقتىسادشۇناسلار» ژورنىلى بېيجىڭ شۆبىسىنىڭ باشلىقى گادى ئېبوستىن يىغىندا «تېتانىك» ناملىق پاراخوتنى مىسال كەلتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە «بۆلەك، تارماقلار بويىچە پەرق» ساقلانماقتا، مەسىلەن ئىقتىساد، ئېنېرگىيە ۋە كېلمات ئۆزگىرىشى رايونلارغا ئايرىلىدۇ، يەنە شەرقىي جۇڭگو دېڭىزى، جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى مەسىلىسى، تور بوشلۇقىنى باشقۇرۇش، ھۆكۈمەت سىرتىدىكى تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش قاتارلىقلار رايونلارغا ئايرىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بەزى مۇناسىۋەت رايونلىرىدا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ياخشى ھەمكارلىشىۋاتىدۇ، بىراق يەنە بەزى مەسىلىلەر ساقلانماقتا. ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەككى، بەزى ئايرىلغان رايونلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى سەۋەبلىك مەسىلىلەرنىڭ رايونلارغا ئايرىلىشىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر