باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيە توخۇلا يېزىسىنىڭ داخان كەنتىگە «مەملىكەت بويىچە دېموكراتىك قانۇن ئىدارە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك كەنت» دەپ نام بېرىلدى

2015.04.24 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەزىمەت توختى خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، دۆلەت ئەدلىيە مىنستىرلىكى، خەلق ئىشلىرى مىستىرلىكى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ 6- تۈركۈمدە تەقدىرلەنگەن «مەملىكەت بويىچە دېموكراتىك قانۇن ئىدارە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك كەنت (مەھەللە)»نىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى، ئونسۇ ناھىيە توخۇلا يېزىسىنىڭ داخان كەنتى «مەملىكەت بويىچە دېموكراتىك قانۇن ئىدارە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك كەنت» شەرىپىگە ئېرىشتى، بۇ يىل 3- ئايغىچە مەركىزى مەنىۋى-مەدەنىيەلىك كومىتېتى تۆتىنچى نۆۋەتلىك شەرەپكە ئېرىشكەن «مەمىلىكەتلىك مەدەنىي كەنت، بازار»نى تەستىقلىغاندىن كېيىن، توخۇلا يېزىسى داخان كەنتى يەنە بىر قېتىم نام بېرىپ تەقدىرلىنىپ، دۆلەتلىك ئالاھىدە شەرەپكە ئېرىشتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە توخۇلا يېزىسىنىڭ يېتەكچىلىكى ئارقىسىدا، داخان يېزىسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە، يېزا ئاساسىي قاتلام دېموكراتىك قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، « دېموكراتىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان كەنت» بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئىدارە قىلىش ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش بويىچە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈردى. بۇ كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىش، دېموكراتىك سايلاش ۋە تەدبىر بەلگىلەشنى قېلىپلاشتۇرۇش، كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قانۇن-تۈزۈم تەشۋىق تەربىيەسىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار ئارقلىقى، كەڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دېموكراتىك قاتنىشىش ئېڭىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەنت ئىشلىرى، مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى، كەنت ئاھالىلىرى دىققەت قىلۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى تەدىرىجى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپ، كەنت بويىچە ئىجتىمائىي كەيپىيات ياخشى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەخىت تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار مۇقىم تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر