- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
سەئۇدى ئەرەبىستانى يەمەنگە قىلىدىغان ھاۋا ھۇجۇمىنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2015.04.23 15:37 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سەئۇدى ئەرەبىستانى ئارمىيە تەرەپ باياناتچىسى ئەخمەد تۈنۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رېيادتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر 21-ئاپرېل كەچتىن ئېتىبارەن يەمەن تەۋەسىدە قوزغىغان «كەسكىن بوران-چاپقۇن»ناملىق ھاۋا ھۇجۇمىنى توختاتتى دېدى.
ئەخمەد مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق كۆپ دۆلەت ئارمىيەسى قوللانغان ھاۋا ھۇجۇمى يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ بارلىق ئېغىر تىپتىكى قوراللىرىنى ۋەيران قىلدى، بۇ تەشكىلاتنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەمدە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرگە كەلتۈرگەن تەھدىتىنى يوقاتتى.
ئەخمەد مۇنداق دېدى: بىرلەشمە ئارمىيە 22-ئاپرېلدىن ئېتىبارەن يەمەندە « ئۈمىدنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» ناملىق كېيىنكى باسقۇچلۇق ھەرىكەتنى ئېلىپ بارىدۇ، ھەرىكەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر