باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى 14-سانلىق يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

2015.04.23 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 14-سانلىق يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا قاتناشتى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن ئەركىن سودا سىناق رايونى خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەردى. ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈل ھەم ئېغىر. تۈزۈمنى يېڭىلاشنى باشتىن-ئاخىر يادرولۇق ۋەزىپە، خەتەردىن ساقلىنىشنى مۇھىم ئاساس قىلىپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنى تېرىشىپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باشلامچىسى، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنىڭ ئاۋانگارتىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، مەدەنىيەت مىنىستىرى لو شۇگاڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېما قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، تېخىمۇ كۆپ ئېسىل مەھسۇلاتلارنى يارىتىش، ئاممىۋى مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئەسلىھە تورىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، باراۋەرلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى يېڭىلاش، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى مەدەنىيەت قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئالتە خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر