باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيە خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2015.04.22 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيە خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 21-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەربىيەنىڭ باش تېمىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، يۇقىرىنىڭ تۆۋەنگە باشلامچىلىق قىلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېتىبار بېرىپ، مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەدە ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» كوممۇنىستلارنىڭ قىممەت ئىنتىلىشى ۋە سىياسىي پەزىلىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆزىنى تەربىيەلەش ئاساسى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يولى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى. مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مەقسىتى شۇكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»نى ئاڭلىق ئىجرا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «تۆت خىل خاھىش»نى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش، ئىنتىزام، قائىدىگە رىئايە قىلىش، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش، چىڭ تۇتۇپ ھەقىقىي ئىشلەش، ئىسلاھات، مۇقىملىق، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈندۇر. مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، خىزمەتلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مەركەزنىڭ تەلەپلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر