باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە زۇڭلىسى ئى ۋانگۇ ئىستىپا بەردى

2015.04.21 17:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاك گيۇنخاي دۆلىتىگە قايتىپ ئىستىپانامىنى قوبۇل قىلىدۇ

  كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «ئەمەلدار سودىگەر خىيانەتچىلىك، چىرىكلىشىش دېلوسى»غا چېتىلغان كورېيە زۇڭلىسى ئى ۋەنگۇ 20- ئاپرېل لاتىن ئامېرىكىسىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان زۇڭتۇڭ پاك گيۇنخايدىن ئىستىپا سورىدى. كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى: پاك گيۇنخاي 27- ئاپرېل لاتىن ئامېرىكىسىدىكى سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۆلەتكە قايتقاندىن كېيىن، ئى ۋەنگونىڭ ئىستىپانامىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، دېدى.

  كورېيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە يېڭى ئەسىر پارتىيەسىدىكى بىر ئەربابنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئى ۋەنگو ئەتراپلىق ئويلانغاندىن كېيىن پاك گيۇنخايدىن ئىستىپا سورىغان. پاك گيۇنخاي لاتىن ئامېرىكىسىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقاچقا، ئى ۋەنگو بۇ چاغدا ئىستىپا سورىسام ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە تەسىر يىتىشىدىن ئەندىشە قىلغان، ئاخىرىدا يەنە ھازىر ئىستىپا سورىسام ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارىغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر