باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونى باش مەمۇرنى سايلاش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى

2015.04.23 09:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونى 22-ئاپرېل باش مەمۇرنى ئومۇميۈزلۈك سايلاش چارىسىنىڭ ئامما مەسلىھەت سوراش دوكلاتى ۋە لايىھەسىنى ئېلان قىلدى. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونلۇق ھۆكۈمەت ھۆكۈمەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لىنجېڭ يۆئې شۇ كۈنى قانۇن چىقىرىش يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئالاھىدە مەمۇرى رايونلۇق ھۆكۈمەت پۈتۈن شياڭگاڭدىكى سالاھىيەتلىك سايلىغۇچىلار نامزات كومىتېتىغا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن ئىككىدىن ئۈچكىچە نامزات ئىچىدە، ئاۋاز سانى ئەڭ كۆپ بولغۇچىنى سايلاش ئۇسۇلى بويىچە باش مەمۇرنى سايلاپ چىقىش، يەنى بىر قېتىملا ئاۋاز بېرىش تەكلىپىنى بەردى. گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونلۇق ھۆكۈمەت 22-ئاپرېل ئېلان قىلغان باش مەمۇرنى ئومۇميۈزلۈك سايلاش چارىسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ئامما مەسلىھەت سوراش دوكلاتى ھەم ئالاقىدار لايىھەسى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونلۇق ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ئامما مەسلىھەت سوراش دوكلاتى-مەسلىھەت سوراش مەزگىلىدىكى شياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ باش مەمۇرنى ئومۇميۈزلۈك سايلاش ئۇسۇلىغا بولغان پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ ئەكس ئەتتۈردى؛ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئالاقىدار لايىھە-شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونى نېگىزلىك قانۇنى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار قارارىغا، شياڭگاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولۇپ، شياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى قاتلىمى، ھەر ساھەسىنىڭ مەنپەئەتى ھەم تەلىپىگە تەڭ ئەھمىيەت بەرگەن، قانۇنلۇق، قوللىنىشقا بولىدىغان، ئاقىلانە، ئەمەلىي لايىھە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر