باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەينىڭ يۈننەنگە نىشانلىق ياردەم بېرىشى شەرق-غەرب ھەمكارلىقىنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولدى

2015.04.23 09:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1996-يىلى مەركەز شاڭخەي بىلەن يۈننەننىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىنى بېكىتكەندىن بۇيان، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئىشلەش، سەمىمىي ئىش قىلىش روھى بويىچە، شاڭخەي-يۈننەن نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت ياردەم بېرىش، ئىختىساسلىقلار قوللاش، كارخانىلار ھەمكارلىشىش، جەمئىيەت قاتنىشىشتىن ئىبارەت خىزمەت ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، ئېلىمىزنىڭ شەرقىي رايونى بىلەن غەربىي رايون ھەمكارلىقىنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، شاڭخەي يۈننەنگە تۈرلۈك ياردەم مەبلىغىدىن جەمئىي ئۈچ مىليارد 260 مىليون يۈەن سېلىپ، 7527 تۈرگە ياردەم بېرىپ، يۈننەننىڭ غەربىدىكى چېگرا رايونلار، ۋۇمېڭشەن رايونى، قۇملىشىپ كەتكەن رايون ۋە دىچىڭدىكى زاڭزۇلار رايونىدىكى 30 ناھىيەنى قاپلاپ، 600 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئاممىنىڭ كىيىنىش، تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان، بۇنىڭدىن بىر مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئادەم بىۋاسىتە نەپ ئالغان. بۇ يىل شاڭخەي شەھىرى مالىيەدىن 311 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىپ، بىر تۈركۈم ياردەم ھەمكارلىق تۈرلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇشنى پىلانلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر