- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئېلان قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى قاراپ چىقىلدى، ئەزالار تاماكىغا ئائىت ھەر قانداق ئېلاننى چەكلەش تەكلىپىنى بەردى
2015.04.22 15:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ،ئېلان قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دەسلەپكى لايىھەسىنىڭ 3-نۇسخىسىغا قاراپ چىقتى. ئۇنىڭدا ئاممىۋى تارقىتىش ۋاسىتىلىرى ياكى جامائەت سورۇنلىرىدا تاماكا ئېلانى بېرىش ئېنىق چەكلەنگەن ۋە «تاماكا ئىشلەپچىقارغۇچى ياكى ساتقۇچىلارنىڭ ئادرېسىنى يۆتكەش، نامىنى ئۆزگەرتىش، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا بەرگەن ئېلانىدا تاماكىنىڭ نامى، ماركىسى، ئوراپ قاچىلىنىشى، ياسىلىشى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مەزمۇنلار بولماسلىقى كېرەك» دەپ يەنىمۇ تەكىتلەنگەن. يۇقىرىدا ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، نۇرغۇن ئەزالار يەنىلا، «تاماكا ئېلانىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش»نى قانۇنغا كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەردى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر