باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەبلەغ سېلىش مۇقىم بولغاندىلا ئاندىن مۇقىم ئاشۇرغىلى بولىدۇ

2015.04.22 15:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان، ئېھتىياج يېتەرلىك بولماسلىق زىددىيىتى گەۋدىلەنگەن، تۆۋەنلەش بېسىمى ئۆزلۈكسىز زورىيىۋاتقان ئەھۋالدا، مەبلەغ سېلىشنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ھالقىلىق رولىنى توغرا تونۇش، ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر.

  1-پەسىلدىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، مەبلەغ سېلىش %13.5 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4.1 پوئېنىت تۆۋەنلىگەن، ئېشىش سۈرئىتى 2001-يىلىدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەك تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى مەبلەغ سېلىش ئومۇميۈزلۈك ئاستىلىغان. ئىستېمال، ئېكسپورت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مەبلەغ سېلىشتىكى ھالسىزلىق-نۆۋەتتە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشى ئاستىلاشتىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. مەبلەغ سېلىشنىڭ ھالقىلىق رولى يەنىمۇ ئىسپاتلانغان.

  نۆۋەتتە، مەبلەغ سېلىشنىڭ دۇچ كەلگىنى مەبلەغ سېلىش-سالماسلىق ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىدە قانداق مەبلەغ سېلىش مەسىلىسى بولماقتا. مەبلەغ سېلىش-ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ كەلدى، ئېلىمىز ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتىن ئوتتۇراھال تېز سۈرئەتكە ئۆزگىرىۋاتقان يېڭى تۇراقلىق ھالەتتە، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى يەنىلا تېزدىن پەيدا بولماقتا، لېكىن ئومۇمىي مىقدارى بىر قەدەر ئاز، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەنئەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ چېكىنىشى ئېلىپ كەلگەن تەسىرنى تولۇقلاش تەسكە توختايدۇ. يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يەنىلا تولۇق شەكىللەنمىدى، ئەنئەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا موھتاج، مەبلەغ سېلىشنىڭ رولىنى ئاسانلا ئىنكار قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. شۇڭا، يېڭى، كونا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچلەر ئالمىشىۋاتقان ھالقىلىق باسقۇچتا، مەبلەغ سېلىشنىڭ مۇقىم ئاشۇرۇشقا بولغان تۈرتكىلىك رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەبلەغ سېلىش مۇقىم بولغاندىلا، ئاندىن مۇقىم ئاشۇرۇپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

  تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ ئەسلىدىكى تۈزۈم پايدىسى، نوپۇس پايدىسى، ئامانەت پۇل پايدىسى قاتارلىقلىرى گەرچە ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات پايدىسى ئۆزلۈكسىز مۇجەسسەملەنمەكتە. ئەگەر بىز بۇ پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەبلەغ سېلىشنىڭ تۈرتكە بولۇشتىكى ھالقىلىق رولىنى تولۇق، ياخشى جارى قىلدۇرساقلا، جۇڭگو ئىقتىسادىنى ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچى ئۆزگىرىش جەريانىدا تەكشى، تېزرەك ئاشۇرالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر