باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور پونكىتى 112 قېتىملىق سەككىز بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلىش دېلولىرىنى ئېلان قىلدى

2015.04.21 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەركەز ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور پونكىتى 20- ئاپرېل ئېلان قىلغان ھەپتلىك ئۇقتۇرۇشىدا، يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان 112 قېتىملىق مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىشتەك تىپىك دېلولارنى ئېلان قىلىنغان.

  بۇ دېلولار بەلگىلىمىگە خىلاپ مۇكاپات پۇلى، پاراۋانلىق ياردەم پۇلى، تولۇقلىما پۇلى تارقىتىش، بەلگىلىمە خىلاپ سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراقلارنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشىغا ئىشلىتىش، «كىچىك غەزىنە» تەسىس قىلىش، بەلگىلىمە خىلاپ ھالدا كارخانا قۇرۇشقا قاتنىشىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا مال سېىۋىلىش كارتىسى سېتىۋىلىش، بەلگىلىمە خىلاپ ھالدا مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ زىياپىتىنى يىيىش، خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدىكەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ، شەنشى، گۈيجۇدا دوكلات قىلىنغان تىپىك دېلولار ئەڭ كۆپ بولغان. شاڭخەي، شىزاڭ، گەنسۇدا تىپىك دېلو دوكلات قىلىنمىغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر