باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

زۇڭلىنىڭ ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىشىگە تاقابىل تۇرىدىغان قانداق تەدبىرلىرى بار

2015.04.17 17:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنى مەخسۇس زىيارەت قىلغان ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ باش مۇھەرىرى ماقالىسىدا: «بىر سائەت داۋاملاشقان زىيارەتتە، ئۇ شۇنچىلىك ئازادە ۋە خۇشچاقچاق ئولتۇردى»، دەپ يازدى.

  لى كېچياڭ: «جۇڭگونىڭ خەلقئارا تەرتىپكە خىرىس قىلىش ئويى يوق» سەرلەۋھىلىك ماقالىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى 15-ئاپرېل ئېلان قىلىنىشى جۇڭگو دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بىرىنچى پەسىللىك ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغانلىقىغا توغرا كەلدى، مەلۇماتقا قارىغاندا،GDP نىڭ ئېشىشى %7 بولۇپ، يېقىنقى ئالتە يىلدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن نىسبەت ئىكەن.

  لى كېچياڭ يېقىندا ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىساد ۋەزىيىتى مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتى %7 ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بىرىنچى پەسىلدە يېتەرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنغان، ئاھالىلەر كىرىمى ماس قەدەمدە ئاشقان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن مۇھىتمۇ ياخشىلانغان. بۇنداق ئەھۋال ئاسان قولغا كەلمەيدۇ، ئىشەنچىمىز كۈچەيدى. بىراق يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى داۋاملىق زورىيىۋاتىدۇ، ئومۇمىي مىقدار جەھەتتىكى زىددىيەت بىلەن قۇرۇلما جەھەتتىكى زىددىيەت توپلىنىپ قالدى، ئېھتىياجدىمۇ يېتەرسىزلىك بار، تەمىنلەشتىمۇ يىتەرسىزلىك بار.

  لى كېچياڭ «بۇ خۇددى ۋېلىسىپىت مىنىپ كېتىۋىتىپ، يىراقتىكى مول ھوسۇللۇق ئېتىزلارنى ھەم دۆڭلەرنى كۆرگىنىمىزگە ئوخشايدۇ» دەپ سۈپەتلىگەن سۆزى يىغىنغا قاتناشقان داڭلىق مالىيە يازغۇچىسى ۋۇ شياۋبودا چوڭقۇر تەسرات قالدۇرغان.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، سۆھبەت يىغىنىدا لى كېچياڭ: «بىزنىڭ تەدبىرىمىز كۆپ، ئەڭ چوڭ تەدبىرىمىز ئىسلاھات»، دېگەن. لى كېچياڭ بىر ئاي ئىلگىرى ئېچىلغان ئىككى يىغىندا مۇخبىرلارغا سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندە، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە ئايلىنىشىنى ساقلاش ئىشەنچىنى ئىپادىلەپ: «يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، بىز قىسقا مۇددەتلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان سىياسەتنى يولغا قويمىدۇق، سىياسەتتىن پايدىلىنىشتا زور ئىمكانىيەت بار، سىياسەت تەدبىردىن غەم قىلمايمىز»، دېگەن.

  لى كېچياڭ زۇڭلى GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتى % 7 بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە يەنە شۇنچىلىك ئىشەنچ باغلايدۇ، بۇنىڭدا ئۇنىڭ قايسى تەدبىرلىرى زور رول ئويناۋاتىدۇ؟

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر