باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل يۇقىرىقىتاغقا يەنە بىر پىيادىلەر يولى ياسىلىدۇ

2015.04.21 14:51         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ يىل نويابىردا يۇقىرىقىتاغقا پىيادىلەر يولى ۋە ۋېلىسىپىت يولى ئايرىلغان يول ياسايدۇ، بۇ يولغا چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلىپلا قالماستىن، يەنە ئىقتىدارى مۇكەممەل مۇلازىمەت پونكىتىمۇ ياسىلىدۇ. بۇ ئۈرۈمچى ناھىيەسى سۇلۇقساي بازىرىنىڭ ئومۇمىي خەلق چېنىقىش، كۆڭۈل ئېچىش پىيادىلەر يولى تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچى ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇش دوكلاتى تۈزۈلگەن بولۇپ، سۇلۇقساي بازىرىدا ياسىلىدىغان بۇ پىيادىلەر يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 25 كىلومېتىر كېلىدىكەن، يۇقىرىقىتاغ بازىسى ھەمدە قىشلىق تەنھەرىكەت مەيدانىنىڭ ئاساسىي سارىيىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە ياسىلىدىكەن.

  بۇ يول سۇلۇقساي بازىرىنىڭ سۇلۇقساي كەنتى، دۇڭۋەن كەنتى، چوڭ بۇت (دامياۋ) كەنتى، مىئېرگۇ كەنتى، پىڭشىلياڭ كەنتى، ياتەن كەنتىنى تۇتاشتۇرىدىكەن، ھازىرقى فاڭجياجۇاڭدىن مىئېرگۇ كەنتىگىچە بولغان پىيادىلەر يولىنى تۇتاشتۇرىدىكەن، شۇنداقلا جەنۇبىي تەرەپتىكى «يىپەك يولى» قار تېيىلىش مەيدانى، مىئېرگۇ، قوتانساي قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىغىچە ئۇزارتىلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ئايلانما يول بولۇپ، ساياھەتچىلەر باش نۇقتىدىن مېڭىپ بىر ئايلىنىپ ئەسلىي ئورنىغا قايتالايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر