زەرەشپان گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئەھمەد مۇھەممەد فوتوسى) 3- شى 49-تۇەن 13- ليەنىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقاتچىسى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ليەندۈيدىكى ھەرقايسى مەھەللىلەرگىچە بېرىپ، ھەر مىللەت ئاياللىرىغا «ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى»، «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى»غا دائىر بىلىملەرنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە، پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئاياللار بىلەن سىردىشىپ ۋە ئۇلارغا دورا تارقىتىپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
سۈرەتتە: بۇ ليەننىڭ پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقاتچىسى خالدەم مەخەت (سولدىن 2- كىشى) 23- ئاپرىل ليەندۈيدىكى ئاياللارغا تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا.
مەنبە: زەرەپشان گېزىتى